ئەمىنە ئەردوغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

ئەمىنە ئەردوغان مەڭگۈلۈك ھەمراھى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 67 – تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1591046
ئەمىنە ئەردوغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
erdoğan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 67 – تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، «تۇغۇلغان كۈنىمىزگە مۇبارەك بولسۇن! مىللەتكە خىزمەت قىلىش يولىدا ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولغاي!» تېمىلىق ۋىدېئولۇق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىلىرىدە، ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر