ي ت ب كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدۇ

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى — ي ت ب، چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرى ۋە كۆك كارتلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتېرنېت مۇھىتىدا «كىشىلىك ھوقۇق تور مائارىپى پىروگراممىسى» ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

1589837
ي ت ب كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى — ي ت ب  بايانات ئېلان قىلىپ،  29 - 31 - مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىروگرامما ئارقىلىق چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ياشلارغا كىشىلىك ھوقۇق، كەمسىتىش، ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكسىيەلىرى توغرىسىدا نەزەرىيەۋى تەلىم – تەربىيە بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، دەرسلەر تۈركچە ئۆتۈلىدىغان تەلىم – تەربىيە پىروگراممىسىغا چەت ئەللەردە ياشايدىغان 30 ياشتىن تۆۋەن تۈركىيە پۇقرالىرى ياكى كۆك كارتلىق ئىجتىمائىي پەن فاكۇلتېتلىرىنىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى يىللىقلىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، پىروگراممىغا 14 – مارتقىچە ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر