ناسا «قەتئىي ئىرادە» نىڭ مارسقا قونغاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA)، «قەتئىي ئىرادە» (Perseverance ) ناملىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ مارسقا قونغاندىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى.

1588812
ناسا «قەتئىي ئىرادە» نىڭ مارسقا قونغاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا «قەتئىي ئىرادە» ئۈچۈن مەخسۇس ئاچقان تۋىتتېر بېتىدە، شەنبە (2021-يىلى 20-فېۋرال) كۈنى ئوخشىمىغان ئۈچ كامېرادىن تارتىلغان مارسقا قونۇش سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

مارس ئاتموسفېراسىغا كىرگەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن پاراشوتنىڭ ئېچىلىشى بىلەن باشلانغان ۋىدېئودا، تۆۋەن تەرەپنى كۆرسەتكەن كامېرا نۇقتىسىدا كۆك يۈزىدىن سۈزۈلۈپ چۈشكەن «قەتئىي ئىرادە» نىڭ، مارس يۈزى بىلەن ئۇچراشقاندىكى پەيت ئىنتايىن ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ مارسقا پىلان بويىچە قونۇشى بىلەن، ناسا مەركىزى خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ئالەمدە بىر پېلانىتاغا قونۇش ئەمەلىيلەشكەن بولدى.

«قەتئىي ئىرادە» 2020-يىلى 30-ئىيۇن فلورىدادىكى سۇپىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، تەخمىنەن يەتتە ئايلىق ۋە 470 مىليون كىلومېتىرلىق سەپىرىدىن كېيىن، 20-فېۋرال (2021) دا مارسقا قوندى.

ناسانىڭ كالىفورنىيەدىكى «Jet Propulsion» تەجرىبىخانىسىدا ياسالغان ۋە پلۇتونىي يېقىلغۇ قىلىنغان «قەتئىي ئىرادە»، ھازىرغىچە مارسقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار ئىچىدە يېڭى تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇشى بىلەن بىلىنىدۇ.

خىمىيەلىك ئانالىز قىلالايدىغان، 20 كامېرا ئورنىتىلغان، ئەۋرىشكىلەرنى يىغىش ئۈچۈن تاشلارنى تىشىدىغان ئۈشكە، ئاپتوماتىك قول ۋە بىر دانە كىچىك تىك ئۇچارى بولغان «قەتئىي ئىرادە» نىڭ، مارستا ئىككى يىل تەكشۈرۈشتە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر