ئەردوغان بىلەن شەنتوپ رەغائىب قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ رەغائىب قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1586621
ئەردوغان بىلەن شەنتوپ رەغائىب قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈچ ئايلارنىڭ خۇش خەۋەرچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان رەغائىب قەندىلى، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۇئا – ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئىدراك قىلىندى.

جامەلەرگە سەلدەك ئاققان كەڭ خەلق ئاممىسى، رەغائىب قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىپ، ماسكا تاقىغان ۋە ئارىلىق قالدۇرغان ھالدا ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، رەغائىب قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىزنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇبارەك ئۈچ ئايلارنىڭ خۇش خەۋەرچىسى سۈپىتىدە ئىدرا قىلىنىدىغان رەغائىب قەندىلىنى  تەبرىكلەيمەن. رەببىمىزدىن بىزنى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بۇ مۇبارەك كېچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پالاكەتلەردىن، مۇسىبەتلەردىن ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەيمەن. رەغائىب قەندىلى كېچىمىز مۇبارەك بولسۇن!»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ رەغائىب قەندىلىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر