رەھمەت ۋە بەرىكەت كېچىسى رەگائىپ قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ

ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئۈچ ئايلاردىن رەجەپ ئېيىنىڭ بىرىنچى پەيشەنبە كۈنىنى جۈمەگە باغلايدىغان كېچە كىرىدىغان رەگائىپ قەندىلى، «رەھمەت ۋە بەرىكەت كېچىسى» دەپ قارىلىدۇ.

1586138
رەھمەت ۋە بەرىكەت كېچىسى رەگائىپ قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى؛ تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى رەگائىپ قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفيا جامەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «رەگائىپ قەندىلى مەخسۇس پىروگراممىسى»، 1-ت ر ت  قانىلىدىن تارقىتىلىدۇ.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت فۇئات ئوكتاي تۋىتېتردا رەگائىپ قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رەھمەت، مەغپىرەت ۋە رەززاق سۈپەتلىرى بىلەن ئىشىنىدىغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگەن مۇبارەك رەگائىپ قەندىلىنىڭ خەلقمىزگە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش رەگائىپ قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېئولۇق ئۇچۇر تارقاتتى.

ئۇ: «ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ روھىمىزنى پاكلايدىغان ۋە كۆڭلىمىزنى يورۇتىدىغان مۇبارەك ئۈچ ئايلارنى، شۇنداقلا رەگائىپ كېچىسىنى تەبرىكلەيمەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر