نورۋېگىيە تۈرك ئاكادېمىكنى مۇنەۋۋەر كەسپ ئەھلى مۇكاپاتىغا لايىق كۆردى

تۈرك ئاكادېمىك ئەمرە سارى نورۋېگىيەنىڭ ترومسو شەھىرىدىكى شىمالىي قۇتۇپ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن  «نەنسېن دەسلەپكى مۇنەۋۋەر كەسىپ ئەھلى مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.

1581300
نورۋېگىيە تۈرك ئاكادېمىكنى مۇنەۋۋەر كەسپ ئەھلى مۇكاپاتىغا لايىق كۆردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ساغلاملىق ئىقتىسادىي فاكۇلتېتىدا ئۇدا 2 يېرىم يىل  ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان سارىنىڭ «مەھەللە ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ۋۇجۇد قۇرۇلمىسىغا قارىتا تەسىرى» تېمىلىق تەتقىقاتى سەۋەبلىك مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سارى، مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاش سۈرئەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر