سپېيس ئېكس بىرلا ۋاقىتتا 143 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

ئامېرىكانىڭ راكېتا، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم كېمىسى ياسىغۇچى سپېيس ئېكس (SpaceX)، «1-ترانسپورتېر» (Transporter-1) ۋەزىپىسى رامكىسىدا، ئالەمگە بىرلا ۋاقىتتا 143 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى.

1570322
سپېيس ئېكس بىرلا ۋاقىتتا 143 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپېيس ئېكس شىركىتى بىرلا ۋاقىتتا ئالەمگە 143 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە،  23-يانۋار (2021) ھاۋا رايى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن «1-ترانسپورتېر» ۋەزىپىسى، ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېيىپ كانېۋرال بازىسى (Cape Canaveral) دا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 143 سۇنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىدىغان«9 –فالكون» (Falcon 9) راكېتاسىنى ئالەمگە قويۇپ بەرگەن.

بۇ دائىرىدە، 133 دانە سودا ۋە دۆلەت سۇنئىي ھەمراھى، 10 دانە ئىستراتېگىيەلىك سۇنئىي ھەمراھى بولۇپ، جەمئىي 143 كىچىك سۇنئىي ھەمراھ يەر شارىنىڭ ئوربىتاسىغا ئورۇنلىشىدۇ.

سپېيس ئېكس شىركىتى بۇ سۇنئىي ھەمراھلارنىڭ، قۇتۇپ ئوربىتاسىغا ئورۇنلىشىدىغان تۇنجى سۇنئىي ھەمراھ،ار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سپېيس ئېكس شىركىتى يەنە، يەر شارى ئوربىتاسىدا 12 مىڭ سۇنئىي ھەمراھدىن تەشكىل تاپقان تور قۇرۇشنى پىلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر لايىھەنى 2027-يىلى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر