كىلىمات ئۆزگىرىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە

كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېمپېراتۇرا ئۆرلىشى، بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنالماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتماقتا ئىكەن.

1564163
كىلىمات ئۆزگىرىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Phys.org» تور بېتىنى بىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ۋېرمونت (Vermont) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «مۇھىت تەتقىقات خېتى» (Environmental Research Letters) ژۇرنىلىدا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكادىكى 19 دۆلەتتە ياشايدىغان 107 مىڭ بالىنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشى تەكشۈرۈلگەن تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان.

تەتقىقاتچىلار كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلىشى ۋە ھۆل-يىغىن مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئوزۇقلىنىش خىلمۇ خىللىقىنى ئازايتقانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردە بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار، بىر كۈندە گۆش، سۈت، بېلىق، پۇرچاق تۈردىدىكى يېمەكلىكلەر ۋە ئاشلىق دان يېمەكلىكلىرىدىن تەشكىللەنگەن 10 تۈردىكى يېمەكلىكلەردىن ئوتتۇرىچە ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىستېمال قىلالىغان.

مەزكۇر دۆلەتلەردىكى بەش ياشتىن تۆۋەن ھەر ئۈچ بالىنىڭ بىرىدە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان تۆمۈر، سىنىك، يوپۇرماق كىسلاتاسى، A ۋىتامىن ۋە D ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلىرى يېتەرسىز بولغان.

ب د ت مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى دۇنيا مىقياسىدا بەش ياشتىن تۆۋەن 144 مىليون بالا يېتەرسىز ئوزۇقلىنىش سەۋەبىدىن نورمال ئۆسۈپ يېتىلەلمىگەن. 47 مىليون بالا بولسا، دەرىجىدىن تاشقىرى ئورۇق بولۇپ، ئاجىزلاپ كەتكەن.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر