2020 – يىلى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولدى
2020 – يىلى ئەڭ ئىسسىق ئۈچ يىلدىن بىرى بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى (WMO) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2020 – يىلىنىڭ 2016 – ۋە 2019 – يىلدىن كېيىنكى ئەڭ ئىسسىق ئۈچىنچى يىل بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2020-يىلى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى سانائەت دەۋرىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىن 1.2 گىرادۇس يۇقىرى بولغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: « دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ 2020 – يىلىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشى، يەر شارىمىزدىكى ھاياتلىق ۋە تۇرمۇش مەنبەلىرىنى يوق قىلىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ رەھىمسىزلەرچە سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر.»