دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ كىشى 118 ياشقا كىردى

ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى فۇكۇئوكا ئۆلكىسىدىكى بىر كۈتۈنۈش مەركىزىدە تۇرىدىغان  ۋە «خەلقئارا جىننېس رېكورتى قامۇسى» دا «دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ شەخس» دەپ تەرىپلەنگەن كانې تاناكا 118 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1556072
دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ كىشى 118 ياشقا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ «‹NHK› خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1903-يىلى، 2 – يانۋار كۈنى تۇغۇلغان ياپونىيەلىك ئايال كانې، تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئەسناسىدا، قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلغان، ھەمدە 120 ياشقىچە ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشىچە، سىستېمىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۈندىلىك ئۇزۇقلىنىشنى ئاقساتماي كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان كانې، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر