كانادالىق بىر ئاسترونوم ناسانىڭ ئاي پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا(NASA) 2023-يىلىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئاي پىروگراممىسىغا كانادالىق بىر ئاسترونومنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1547291
كانادالىق بىر ئاسترونوم ناسانىڭ ئاي پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا يېڭىلىق يارىتىش، بىلىم ۋە سانائەت مىنىستىرى ناۋدىپ بېينىس (Navdeep Bains) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن كانادالىق بىر ئاسترونومنى ئاي پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بىزنىڭ بىر ئاسترونومىمىز ئايدا ساياھەت قىلىدىغان تۇنجى كانادالىق بولىدۇ ۋە پۈتكۈل كۆزلەر ئاسمانغا قارايدۇ. كانادا ئاپوللو پىروگراممىسىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكا بىلەن ئايغا ئادەم چىقىرىش پىروگراممىسىدا بىرگە بولىدۇ. بۇ كانادانى ئامېرىكادىن كېيىن، چەكسىز ئالەمگە ئاسترونوم ئەۋەتكەن ئىككىنچى دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ» دېدى.

ناسا «ئارتېمىس» (Artemis) دەپ ئاتىغان پىروگرامما رامكىسىدا، 2023-يىلى ئايغا ئالەم ئاپپاراتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھازىرمۇ كانادانىڭ ناسا پىروگراممىسىغا قاتناشقان تۆت ئاسترونومى بار.

مىنىستىر ناۋدىپ بېينىس ئارتېمىس پىروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان ئاسترونومنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى. ئاسترونوملارنىڭ ئاي يۈزىگە قەدەم باسمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئارتېمىس پىروگراممىسى ئاينى چارلاش ۋە كەلگۈسىدە مارسقا قىلىدىغان سەپەرنى مۇمكىن قىلىش ئۈچۈن ئايدا يېڭى خەلقئارالىق ئالەم پونكىتى قۇرۇش مەقسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر