2020-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىغا ئەۋەتىلدى
نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ باشلىقى بېرىت رايسىس ئاندرسېن(Berit Reiss-Andersen)كومىتېت مەركىزى جايلاشقان ئوسلودا تېلېۋىزىيە يىغىنىغا قاتنىشىپ، مۇكاپاتنىڭ ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى باش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ باشلىقى بېرىت رايسىس ئاندرسېن ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش مەيدانلىرىدا ئاچارچىلىقتىن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى داۋىد بېسلې (David Beasley) نى كېلەر يىلى (2021) ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا كۈتۈۋېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مېدالى ۋە گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى بېسلى مۇنداق دېدى:
«ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس، باشقۇرۇش كېڭىشىمىز، قېرىنداش تەشكىلاتلىرىمىز، شېرىكلىرىمىز، ئىئانىچىلىرىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ 19 مىڭ خىزمەتچىسى بىلەن بىزدىن بۇرۇنقى خىزمەتچىلەر، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە بىز خىزمەت سۇنغان 100 مىليون ئاچارچىلىقتا قالغان كىشى نامىدىن بۇ چوڭ شەرەپ ئۈچۈن نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق كومىتېتىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئاشلىقنىڭ تىنچلىققا بارىدىغان يول ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئاچارچىلىقتا قالغان 270 مىليون كىشىدىن 30 مىليونىنىڭ ياشاپ قېلىشى ئۈچۈن ياردەملەرگە موھتاج.»
ئۇ دۇنيادا 400 تىرىلىيون دوللارلىق بايلىق بارلىقىنى ۋە ۋابا يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن كۈنلەردىمۇ 2.7 تىرىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە بايلىق يارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز 30 مىليون كىشىنى ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇشىمىز ئۈچۈن 5 مىليارد دوللارغا ئېھتىياجلىق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

بەرائەت كېچىسى بۈگۈن كەچتە ئالاھىدە خاتىرىلىنىدۇ
رامىزان ئېيىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى دەپ قارالغان بەرائەت كېچىسى، بۈگۈن كەچتە ئالاھىدە خاتىرىلىنىدۇ.

«بەرات قەندىلى» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ
رامىزان ئېيىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان «بەرات قەندىلى (كېچىسى)» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ.