يۇپىتېر بىلەن ساتۇرىن بىر-بىرىگە يېقىنلىشىدۇ

يۇپىتېر بىلەن ساتۇرىن مۇشۇ ئاي (2020-يىلى دېكابىر) نىڭ ئاخىرى «چوڭ بىرلىشىش» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە، ئالەمدە «بىر يۇلتۇز» غا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ.

1542844
يۇپىتېر بىلەن ساتۇرىن بىر-بىرىگە يېقىنلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇپىتېر بىلەن ساتۇرىن 21-دېكابىر (2020) بىر-بىرىگە دەرىجىدىن تاشقىرى يېقىنلىشىدۇ.

«LiveScience» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەر 20 يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىغان چوڭ ئىككى گاز شارىنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشى، 21-دېكابىر (2020) يۈز بېرىدىكەن.

يۇپىتېر بىلەن ساتۇرىننىڭ بۇ يىلقى «چوڭ بىرلىشىشى» دە، دەرىجىدىن تاشقىرى شەكىلدە بىر-بىرىگە يېقىنلىشىدىغانلىقى؛ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ۋەقەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1623-يىلى 16-ئىيۇل يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئاستىرالىيە موناش ئۇنىۋېرستېتى (Monash) ئاسترونومىيە ئوقۇتقۇچىسى مىشېل براۋن (Michael Brown) «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇپىتېرنىڭ قۇياشنى 12 يىلدا، ساتۇرىننىڭ بولسا تەخمىنەن 30 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئىككى پىلانېتانىڭ ئوخشىمىغان ئوربېتالاردا ئايلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل يېقىنلىشىشنىڭ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA)، شىمالىي يېرىم شاردا كۈندۈز ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولىدىغان 21-دېكابىر ئىككى پىلانېتانىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر