2020-يىلى ئەڭ ئىسسىق بولغان بىر يىل بولغان
ب د ت مۇھىت پىروگراممىسى (UNEP)، بۇ يىل (2020) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ %7 ئازايغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ يەر شارى تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۈچ گرادۇس ئۆرلەشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇھىت پىروگراممىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر «پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمى» دە بەلگىلەنگەن ۋەدىسىدە تۇرغان ئەھۋالدا، يەر شارى تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆرلىشىنى ئىككى گرادۇس ئەتراپىدا تىزگىنلەپ تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كىلىماتنى مەركەز قىلغان مۇھىت سېلىنمىلىرىنى كۆپەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ب د ت مۇھىت پىروگراممىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئىنگېر ئاندېرسېن (Inger Andersen) نىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقان: «2020-يىلى رېكورت سەۋىيەدە ئىسسىق بولغان يىللاردىن بىرى بولدى. كونترول قىلىنالمىغان ئوت ئاپەتلىرى، بوران ۋە قۇرغاقچىلىقلار مۇھىتقا داۋاملىق زىيان سالماقتا» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.
دۇنيا مېتېرولوگىيە تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان يىللىق كىلىمات ئۆزگىرىشى دوكلاتىدا، 2020-يىلىنىڭ 2016 ۋە 2019-يىلىدىن كېيىن، رېكورت سەۋىيەدە ئىسسىق بولغان ئۈچىنچى يىل بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.