فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى كۆك رەڭگە پۇركەلدى

ئىستانبۇلدا ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى 3-دېكابىر دۇنيا مېيىپلار كۈنىدە دىققەت قوزغاش مەقسىتىدە كۆك رەڭ بىلەن يورۇتۇلدى.

1539394
فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى كۆك رەڭگە پۇركەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر يىلى 3-دېكابىردا مېيىپلارغا دىققەت تارتىش مەقسىتىدە تەبرىكلىنىدىغان دۇنيا مېيىپلار كۈنى رامكىسىدا، نۇرغۇنلىغان رەڭدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇھىم كۈنلەردە ئوخشىمىغان رەڭدە يورۇتۇلىدىغان ئىستانبۇلنىڭ سىمۋولى بولغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى، بۇ قېتىم دۇنيا مېيىپلار كۈنى ئۈچۈن كۆك رەڭدە يورۇتۇلدى.

تۈركىيە ئاقئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى نەجلا سۈمەر  بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى

 (Kovid-19) مەزگىلىدە، مېيىپلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «3-دېكابىر دۇنيا مېيىپلار كۈنىدە فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكىنىڭ كۆك رەڭ بىلەن يورۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. ھەممىمىز بۇ مۇساپىدە كۆك رەڭگە ئېھتىياجلىق. كۆك رەڭنى ئۈمىد دەپ قارايمىز. كۆۋرۈكنى كۆك رەڭگە پۇركەشتىكى مەقسىتىمىز، جەمئىيەتتە مېيىپلارغا دىققەتنى تارتىش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر