خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئاكادېمىيەسىگە ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

تۈركىيە چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئاكادېمىيەسىگە ئىلتىماس قىلىش باشلاندى.

1535561
خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئاكادېمىيەسىگە ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي ت ب خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئاكادېمىيەسىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ي ت ب نىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكادېمىك، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى كۈچەيتىشى ۋە كەسپىي ئورنىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئاكادېمىيە ئىلتىماسلىرى 2020-يىلى 7-دېكابىرغىچە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىنتېرنېت بېتى بولغان «https://tbbs.turkiyeburslari.gov.tr» ئادرېسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ.

لايىھە تۈزۈش، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ۋە تەشكىللەش قابىلىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغان ئاكادېمىيەگە، تۈركىيەدە ئوقۇغان بارلىق خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئوخشاش ۋاقىتتا، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغان كەسىپلىرىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن ئاكادېمىكلار، يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر بىلەن تونۇشۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئاكادېمىيەسى ئىلمىي مۇھاكىمە پىروگراممىلىرى، ئىقتىساس پىروگراممىلىرى، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پىروگراممىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كاتېگورىيەدىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە ئىقتىساس پىروگراممىلىرى ئىنتېرنېتتا، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پىروگراممىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەر ئېلىنغان ھالدا ئاز ساندىكى ئىشتىراكچىلار بىلەن يۈز تۇرانە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئاكادېمىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى «www.turkiyeburslari.gov.tr» ئادرېسىدىن ئالغىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سوئال ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى «akademi@ytb.gov.tr» ئادرېسى ئارقىلىق ي ت ب غا يەتكۈزەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر