شەبئى ئارۇس مۇراسىملىرى ئىككى كۈن بىلەن چەكلەندى
13 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مۇتەسەۋۋىپ مەۋلانا جالالىدىن رۇمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 747 – يىللىقىنى خەلقئارالىق خاتىرىلەش مۇراسىملىرى (شەبئى ئارۇس) «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن پەقەت ئىككى كۈنلا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
1533555
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونيادا 7 – ۋە 17 – دېكابىر كۈنلىرى ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە «ئېھسان ۋاقتى» تېمىسى ئاستىدا باشلىنىدىغان مۇراسىملارنىڭ بېلىتى « http://ebilet.konyakultur.gov.tr» ئىنتېرنېت تور ئادرېسە ئارقىلىق سېتىشقا سۇنۇلدى.
ئىلگىرى ئۇدا 4 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان مۇراسىملار، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن، ئىككى كۈن بىلەن چەكلەندى.
ئالدىنقى يىلى، 7 – ۋە 17 – دېكابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن، ۋلانا جالالىدىن رۇمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 746 – يىللىقىنى خەلقئارالىق خاتىرىلەش (شەبئى ئارۇس) مۇراسىملىرىغا، 39 مىڭ 750 كىشى قاتناشقانىدى.