بۈگۈن 24-نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى...

مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق 24-نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

1533468
بۈگۈن 24-نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا كەلدى ۋە ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، ھۆرمەتتە تۇردى.

مىنىستىر زىيا سەلچۇق ئارقىدىن خاتىرە سارىيى دەپتىرىگە بېغىشلىما يازدى. ئۇ مۇنداق دەپ يازدى:

«باش ئوقۇتقۇچىمىز ئەزىز ئاتاتۈرك، خەلقىمىزنىڭ يولىغا چىراغ تۇتۇپ يورۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ‹24-نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى› مۇناسىۋىتى بىلەن، ھۇزۇرۇڭىزغا كەلدۇق. ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مائارىپ ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا، خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، سەۋر ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن بۇ قۇتلۇق يۈرۈشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بولۇش سۈپىتىدە قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز.»

ئۇ خەلق بېغىشلىغان ئۇلۇغ ۋەزىپىنى، خەلق ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىلىم نۇرى ئاستىدا، پۈتۈن كۈچى ھەمدە غەيرىتى بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «يېڭى ئەۋلادلار ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىنى، ئۈنۈمى يۇقىرى، تەسىرى كۈچلۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تېز سۈرئەتتە بىلىم ۋە تەجرىبىلەر بىلەن قوراللىنىش كېرەكلىكىنى بىلىمىز. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بىزدىن ئەركىن، ۋىجدانى ھۆر، ئىلىم-ئىرپانى ھۆر بولغان كىشىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى چۈشىنىمىز. كۈچىمىزنى ئۇلۇغ خەلقىمىزنىڭ ۋە سىزنىڭ روھىڭىزنىڭ تارىختا داستان بولغان قەتئىي ئىرادىسىدىن ئالماقتىمىز. روھىڭىز شاد بولسۇن» دېدى.

مىنىستىر زىيا سەلچۇق ۋە ئوقۇتقۇچىلار خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى.

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلارنى شەرەپلەندۈرۈش ئۈچۈن ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلىنىدىغان كۈن. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە 1994-يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلى 5-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو   (UNESCO)  نىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر