تاماكا چېكىش ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ

تاماكا چېكىش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئازايتىپ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

1530428
تاماكا چېكىش ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتى (UCLA) ئالىملىرى تەجرىبىخانىدا ئىنسانلارنىڭ غول ھۈجەيرىسىدىن ياسالغان نەپەسلىنىش مودېلى ئۈستىدە قىلغان تەتقىقاتىدا، تاماكا چېكىشنىڭ «ئىنتېرفېرون» دەپ ئاتىلىدىغان مۇھىم ئىممۇنىتېت سىستېمىسى مولېكۇلاسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، تەتقىقاتتا، تاماكا چېكىش ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەر سانىنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىۋەتكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى دوكتور بىرىگىت گومپېرتس (Brigitte Gomperts): «ئەگەر سىز نەپەس يولىنى قەلئەنى قوغدايدىغان ئېگىز تام دەپ ئويلىسىڭىز، تاماكا چېكىش بۇ تاملاردا تۆشۈك ئاچقانغا ئوخشايدۇ. تاماكا چېكىش تەبىئىي مۇداپىئەلىنىشنى ئاجىزلىتىدۇ ۋە ۋىرۇسنىڭ ئورۇنلىشىشىغا يول قويىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر