ھايات كېلەر يىلى قىشتا نورمالغا قايتىشى مۇمكىن

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ياسالغان ۋە ئۈنۈمى %90 كە يەتكەن ۋاكسىنانى تەتقىق قىلىپ چىققان گېرمانىيە بىيونتېك (BioNTech» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ھاياتنىڭ كېلەر يىلى(2021) قىشتا نورمالغا قايتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1528544
ھايات كېلەر يىلى قىشتا نورمالغا قايتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى %90 ئۈنۈمگە ئىگە ۋاكسىنانى تەتقىق قىلغان پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ب ب س (BBC) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ بۇنداق ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ۋاكسىنا بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى يۇقۇملىنىشنىڭ %90 ئەمەس، بەلكى %50 ئازىيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ يولىدا بولغاندا، ۋاكسىنانىڭ بۇ يىل (2020) نىڭ ئاخىرى ياكى كېلەر يىلى (2021) نىڭ بېشىدا تارقىلىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېلەر يىلى ئاپرېل ئېيىغىچە دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ ئاز دېگەندە 300 مىليون شىشە تارقىتىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېلەر يىلى قىشتا ، ھاياتنىڭ نورمالغا قايتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋاكسىنا ئۇرۇش ئىشلىرىنى كېلەر يىلى كۈزدە ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ياز ئايلىرىدا يۇقۇم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق. كېلەر يىلى كۈزنىڭ ئاخىرى ۋاكسىنا ئۇرۇش ئىشلىرىدا يەتمەكچى بولغان سەۋىيەگە يېتىش ئىنتايىن مۇھىم. ۋاكسىنا ئۇرۇلغان يەردە بىر قانچە كۈن ئاغرىش ۋە بىر قانچە كۈن قىزىشتەك ئەكس تەسىرلىرى كۆرۈلدى. ئەمما، ۋاكسىنانى توختاتقىدەك ئېغىر ئەھۋال كۆرۈلمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر