ئاياللار تېخىمۇ ئادىل، سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل كېلىدۇ

ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئادىل، سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1514605
ئاياللار تېخىمۇ ئادىل، سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە نەتىجىلىرى « Proceedings of the Royal Society» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، 67 دۆلەتتىن 330 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ، پىرىنسىپلىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتا قايسى ئامىللارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان راي سىناش نەتىجىسى تەكشۈرۈلدى.

دەسلەپكى باسقۇچتا قولغا كەلتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار، باشقا بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىنىڭ،  19 دۆلەتتىن تەخمىنەن  12000 كىشىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن توپلىغان ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەلىللەندى.

تەتقىقاتتا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئادىل، سەمىمىي، ئەستايىدىل ۋە جىنسىي باراۋەرلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان مەدەنىيەتلەرگىمۇ تېخىمۇ ماسلىشىشچان ۋە چىدامچان كېلىدىغانلىقى كۆزىتىلدى.

تەتقىقاتتا يەنە، ساداقەت ۋە ھوقۇق قىممىتى جەھەتتە ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆرۈلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر