پاتارا قەدىمكى شەھىرىدە 2 مىڭ يىللىق تارىخىي يادىكارلىق تېپىلدى

ئانتاليانىڭ كاش رايونىدىكى قەدىمكى پاتارا شەھىرىدە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش جەريانىدا يىلان شەكىللىك «قۇربانلىق سۇپىسى» تېپىلدى.

1511784
پاتارا قەدىمكى شەھىرىدە 2 مىڭ يىللىق تارىخىي يادىكارلىق تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن «مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى» دەپ ئاتالغان قەدىمكى شەھەر پاتارادىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلاردا تېپىلغان ئاسارە-ئەتىقىلەر، ئىلىم-پەن دۇنياسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.

ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلاردا تېپىلغان ئەسەرلەردە، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىزلار بولغان لىكيا بىرلەشمىسىنىڭ پايتەختى پاتارا شەھىرىدىكى رىم مۇنچىسى ۋە سېپىل بىرلەشمىسى ئاخىرلاشقان رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا، يىلان سۈرىتى بار قۇربانلىق سۇپىسى تېپىلدى.

تېپىلغان يەردىن چىقىرىلغان ۋە قېزىلغان ئۆينىڭ باغچىسىغا قويۇلغان قۇربانلىق سۇپىسى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدىن كېيىن دەمرى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

ئانتاليا بىلىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە پاتارا قەدىمكى شەھەر قېزىش ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى دوكتور دوچەنت مۇستافا كوچاك تېپىلغان قۇربانلىق سۇپىسىدا چوڭ يىلان سۈرىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ،  2 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە تېپىلغان يادىكارلىقنىڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر