دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2020-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئاچارچىلىققا قارشى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا تىنچلىق شارائىتلىرىنى ياخشىلاشقا قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى (WFP) غا بېرىلدى.

1506134
دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە نونېل كومىتېتى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ «دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى» غا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 2020-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ ئاچارچىلىققا قارشى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا تىنچلىق شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قوشقان تۆھپىلىرى، ئاچارچىلىقنى ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش قورالى قىلىپ پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئىتتىرگۈچى كۈچ بولۇپ ھەرىكەت قىلىشى سەۋەبى بىلەن، مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغان ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، 2019-يىلىدا 88 دۆلەتتە يېمەك-ئىچمەكتە بىخەتەر بولمىغان ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانى بولغان 100 مىليونغا يېقىن كىشىگە ياردەم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەزگىلىدە، دۇنيادا ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغانلارنىڭ سانىدا ئېشىش بولغانلىقى، دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ ۋاباغا قارشى تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشتا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان دەرىجىدە غەيرەت قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى ۋە باشقا يېمەك-ئىچمەك تەشكىلاتلىرى تەلەپ قىلغان مالىيە ياردىمىگە ئېرىشەلمىسە، دۇنيانىڭ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئاچارچىلىق كىرىزىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى، ياردەمگە ئېھتىياجلىق دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قوللاش مەقسىتىدە يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلىش، جىددىي ھالەت ۋە كىرىزىس ۋاقىتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ب د ت تەشكىلاتلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك، يېزا ئىگىلىكى ئورگىنىنىڭ تەۋسىيەلىرى بويىچە دۇنيا يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسىلىلىرى بويىچە ۋە 2030-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەققىيات نىشانلىرى توغرىسىدا پائالىيەت قىلىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر