گالاتا مۇنارى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى
ئىستانبۇلنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان گالاتا مۇنارى، سىنئالغۇ خەرىتىسى ۋە نۇر چاقنىتىش نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن بىر مۇراسىم ئارقىلىق زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.
1504335

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «بەيوغلۇ مەدەنىيەت يولى» تۈرى دائىرىسىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن گالاتا مۇنارىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ناخشىچى زەينەپ باستىك ۋە «تەكلىپ قىلىنمىغان جاز مۇزىكا ئەترىتى» كونسېرت بەردى.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇنارنى ئىستانبۇل ئازاد قىلىنغان كۈن دەپ بېكىتىلگەن 6 - ئۆكتەبىرگە ئوخشاش ئالاھىدە كۈندە خىزمەتكە كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

مىسىردا ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئولتۇراق رايون تېپىلدى
مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى لۇكسور شەھىرىدە، رىم دەۋرىگە ئائىت تەخمىنەن 2 مىڭ يىللىق ئولتۇراق رايون تېپىلدى.