قاشىقچى  جىنايىتى مەزمۇن قىلىنغان فىلىم شىۋېتسارىيەدە قويۇلۇشقا باشلىدى

ئوسكار مۇكاپاتلىق بىريان فوگېلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى مەزمۇن قىلىنغان «ئۆكتىچى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى شىۋېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 16- نۆۋەتلىك «زيۇرىخ كىنو بايرىمى» دا قويۇلۇشقا باشلىدى.

1502137
قاشىقچى  جىنايىتى مەزمۇن قىلىنغان فىلىم شىۋېتسارىيەدە قويۇلۇشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا، فوگېلدىن سىرت يەنە،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سوتسىز ۋە خالىغانچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش مەسىلىلىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئاگنېس كاللامارد، جامال قاشىقچىنىڭ بولغۇسى ئايالى خاتىجە جەنگىز قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بېلەتلىرى بىرقانچە كۈن ئىلگىرىلا تۈگەپ كەتتى.

«ئۆكتىچى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، تۇنجى قېتىم يانۋار ئېيىدا «سۇندانس كىنو بايرىمى» دا قويۇلغان ۋە ئوبزورچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر