ۋېنگېرىيە بىر باغچىغا ئايتماتوفنىڭ ئىسمىنى قويدى

دۇنياغا داڭلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئىسمى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىكى بىر باغچىغا قويۇلدى.

1499809
ۋېنگېرىيە بىر باغچىغا ئايتماتوفنىڭ ئىسمىنى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايتماتوفنىڭ ئىسمى قويۇلغان باغچىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوف، بۇداپېشت شەھەر باشلىقى گېرگېلى كاراكسونىي ۋە تەكلىپلىك مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.

جېئېنبېكوف، پائالىيەتتە ئايتماتوفنىڭ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى، مۇتەپەككۇر، دۆلەت ئەربابى، دىپلومات ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تېما قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇداپېشتنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان جېئېنبېكوف، قىرغىزىستاننىڭ ئىپتىخارى بولغان ئايتماتوفنىڭ ئىسمىنىڭ بۇداپېشتتا ساقلىنىپ قالغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇداپېشت شەھەر باشلىقى كاراكسوني بولسا، ئايتماتوفنىڭ دۇنياغا داڭلىق مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغانلارنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

چىڭگىز ئايتماتوف 1928 - يىلى 12 - دېكابىردا تالاس ئۆلكىسىنىڭ شەكەر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.

ئەسەرلىرى 157 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئايتماتوف، 2008 – يىلى مايدا بىر رۇس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازاندا كېسەل بولۇپ قالغان ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن بارغان گېرمانىيەدە 2008 – يىلى 10 – ئىيۇندا ئالەمدىن ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر