ت ر ت نىڭ «ئويغىنىش: بۈيۈك سەلجۇقىيلار» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى يېقىندا قويۇلىدۇ

تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى – ت ر ت نىڭ سەلجۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنى تېما قىلغان يېڭى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئويغىنىش: بۈيۈك سەلجۇقىيلار» نىڭ بىرىنچى قىسمى 28 – سېنتەبىردە قويۇلىدۇ.

1488435
ت ر ت نىڭ «ئويغىنىش: بۈيۈك سەلجۇقىيلار» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى يېقىندا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت، بىر قانچە ھەپتىدىن بويان ئىسمى تىلغا ئېلىنماستىن تارتىلغان قىسقا ئېلان فىلىملىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققتىنى تارتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئېلان فىلىمىدە ئىسمىنىڭ «ئويغىنىش: بۈيۈك سەلجۇقىيلار» ئىكەنلىكىنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

يېڭى تارقىتىش باسقۇچىغا غۇلغۇلا قوزغايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىلەن قەدەم قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقان TRT 1 «قىلىچ بىلەن پارقىراپ، قەلەم بىلەن يورۇتۇلغان بىر دەۋر»نىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدىغان «ئويغىنىش: بۈيۈك سەلجۇقىيلار» نىڭ بىرىنچى قىسمىنى 28 – سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا تەييارلانماقتا.

بۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن بىرلىكتە TRT ئېكرانلىرىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەن «فىلىنتا»، «تىرىلىش: ئەرتۇغرۇل»، «پايتاخت ئابدۇلھەمىد» ۋە «يا ئىستىقلال يا ئۆلۈم» قاتارلىق تارىخىي كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا يەنە بىر كۈچلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرى قوشۇلىدۇ.

چوڭ ھەجىملىك بۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسلىرى، كىيىم - كېچەكلىرى، تارىخى ئورۇنلىرى ۋە ھېكايىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر