كاستامونۇدا ئويۇنچۇق كۇتۇپخانىسى ئېچىلىدۇ

كاستامونۇدا بالىلار خالىغان ئويۇنچۇقنى ئارىيەت ئېلىپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدىغان «ئويۇنچۇق كۇتۇپخانىسى» بىلەن بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇل تېشى قويۇلدى.

1464268
كاستامونۇدا ئويۇنچۇق كۇتۇپخانىسى ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاستامونۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى راھمى غالىب ۋىدىنلىئوغلۇ، ئويۇنچۇق كۇتۇپخانىسىنىڭ 1298 كىۋادرات مېتىر ئۈستى يېپىق، 1342 كىۋادرات مېتىر ئۈستى ئوچۇق ساھەگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قىسمىدا بولسا، 5 سىنىپ ۋە ئويۇن زالى، 5 ئۇخلاش زالى، تاماقخانا، پائالىيەت زالى ۋە كۆپ خىل مەقسەتتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر زالدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋىدىنلىئوغلۇ، بۇ ئورۇننىڭ 100 ئوقۇغۇچى سىغىمچانلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئويۇنچۇق كۇتۇپخانىسىنىڭ بولسا، ئويۇنچۇق تونۇتۇش، ئويناش ۋە پائالىيەت زالى، ئويۇنچۇق زاپاسلاش ساھەسى، ئويۇنچۇق رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش بۆلۈمىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ۋىندىنلىئوغلۇ، «ئويۇنچۇق كۇتۇپخانىسى ئارقىلىق بالىلىرىمىز بىرلىكتە ئويۇن ئويناش ۋە ئورتاقلىشىش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ . كۈتۈپخانا ئىقتىسادقا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھەسسە قوشىدۇ. ھەممەيلەن ئوينىمايدىغان ئويۇنچۇقلىرىنى ئەكېلىپ بۇ يەرگە تاپشۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئويۇنچۇق سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئائىلىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر