«توكيو جامەسى» دە 15 – ئىيۇل شېھىتلىرى ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇلدى
ياپونىيەنىڭ پايتەختىدىكى «توكيو جامەسى» دە «15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن جۈمە نامىزى ھارپىسىدا قۇرئان كەرىم ئوقۇلدى.
1456776
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ توكيو ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان قۇرئان كەرىم ئوقۇش پىروگراممىسىغا، باش ئەلچى ھەسەن مۇرات مەرجان، ياپونىيەدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە «توكيو جامەسى» جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.
«توكيو جامەسى» نىڭ ئىمامى ۋە خاتبى مۇھەممەد رىفات چىنار، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل كۈنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشى جەريانىدا شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئوقۇدى.
ئۇ، قۇرئان ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن قىلغان دۇئاسىدا، مۇسۇلمان مىللەتلەرگە بەخت - سائادەت ۋە ئەقىل - پاراسەت تىلىدى. جۈمە نامزىدىن كېيىن جامائەتكە تۈرلۈك ئىكراملار قىلىندى.