ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ ئىبادەتخانىلار نۇقتىسىدىن تۈركىيە بىلەن سېلىشتۇرمىسى:

بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان سېلىشتۇرمىدا، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەگە سېلىشتۇرغاندا تۈركىيەنىڭ باشقا دىندىكىلەرگە ئىبادەتخانىلار نۇقتىسىدىن قانچىلىك زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئوچۇق كۆرۈۋالالايسىز.

1453631
ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ ئىبادەتخانىلار نۇقتىسىدىن تۈركىيە بىلەن سېلىشتۇرمىسى:
iklise.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە 180 مىڭ 854 خىرىستىيان ۋە تەخمىنەن 20 مىڭ يەھۇدىي ياشايدۇ. ئومۇمىي مۇسۇلمان نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %0.4 نى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيەدە بۇلارغا تەۋە يۈزلىگەن يىللىق قەدىمىي چېركاۋ ۋە يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىنى قوشقاندا، جەمئىي 435 ئىبادەت ئورنى بار. بۇ 180 مىڭ 854 خىرىستىيان ۋە تەخمىنەن 20 مىڭ يەھۇدىي ئۈچۈن ھېسابلىغاندا، ھەر 461 كىشىگە بىر ئىبادەتخانا چۈشىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ.

ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا بولسا، ئەھۋال باشقىچە:

ئەنگىلىيە:

ئەنگىلىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2018 - يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە 3 مىليون 372 مىڭ 966 مۇسۇلمان بار بولۇپ، مۇسۇلمانلار 65 مىليون 288 مىڭلىق ئومۇمىي دۆلەت نوپۇسىنىڭ %5.1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. جامەلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «MuslimsInBritain.org» نىڭ 2017 - يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەنگلىيەدە 1975 مەسچىت بار بولۇپ، بۇ ھەر 707 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بىراق بۇ جامەلەردىن ئاران 10 ىلا 4000 كشىىلىك سىغىمچانلىققا ئىگە. سىغىمچانلىقى مىڭدىن تۆت مىڭغىچە بولغان مەسچىتلەرنىڭ سانى بولسا، 181 دەپ رويخەتكە ئېلىنغان. قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى 50 دىن 500 گىچە سىغىمچانلىقى بولغان مەسچىتلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

گېرمانىيە:

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدە 5 مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ. 83 مىليون 200 مىڭ بولغان ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %5.7 نى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدۇ. گېرمانىيەدە تۈركلەرگە تەۋە 1500 دىن ئارتۇق جامەنى قوشقاندا جەمئىي 2350 مەسچىت بار.  ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 2200 مۇسۇلمانغا بىر جامە توغرا كېلىدۇ.

فىرانسىيە:

فىرانسىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 66 مىليون 900 مىڭ بولۇپ، تەخمىنەن 6 مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ ۋە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %8.9 نى تەشكىل قىلىدۇ. فىرانسىيەدە مەسچىتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 2500 ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ھېساب بويىچە، ھەر 2400 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ.

گوللاندىيە:

گوللاندىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2018 - يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاسالانغاندا، گوللاندىيەدە 864 مىڭ 108 مۇسۇلمان ياشايدۇ.  مۇسۇلمانلار 17 مىليون 282 مىڭلىق گوللاندىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ  5% نى تەشكىل قىلىدۇ. گوللاندىيەدە تەخمىنەن 500 مەسچىت بار بولۇپ، بۇ ھەر 1728 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئامېرىكا:

پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2018 – يىلللىق ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، نوپۇسى 330 مىليونغا يېقىنلىشىپ قالغان ئامېرىكادا تەخمىنەن 3 مىليون 450 مىڭ مۇسۇلمان ياشايدۇ ۋە ئامېرىكادىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1.1 نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئامېرىكا - ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ئورگانلارنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا تەخمىنەن 2200 مەسچىت بار بولۇپ، ھەر 1600 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ.

بۇ مەسچىتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نيۇ-يورك، كالىفورنىيە قاتارلىق ئىشتاتلاردىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. مەلۇمكى، يېزىلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بولسا، مەسچىتكە ئېرىشەلىشى چەكلىك.

رۇسىيە:

146 مىليون نوپۇسى بولغان رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە تەخمىنەن 23 مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ ۋە رۇسىيە نوپۇسىنىڭ %15 نى تەشكىل قىلىدۇ.

مۇپتىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى راۋىل غەينۇتدىننىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدە تەخمىنەن 8000 جامە بار بولۇپ، بۇ ھېساب بويىچە 2875 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر