خەلقئارا كۆچ فىلىملىرى فېستىۋالىدا، «ساما ئۈچۈن» ناملىق فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۆچ ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان «خەلقئارا كۆچ فىلىملىرى فېستىۋالى» (UGFF) دا، «ساما ئۈچۈن» ناملىق فىلىم «ئەڭ ياخشى نادىر فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

1440663
خەلقئارا كۆچ فىلىملىرى فېستىۋالىدا، «ساما ئۈچۈن» ناملىق فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گازىئانتەپتە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان، ئەمما ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنمەسىلىلەر ئەتراپلىق ھالدا باش تېما قىلىنغان فېستىۋالدا، ۋاد ئەل كەيتاب (Waad Al- Kateab) ۋە ئېدۋارد ۋات (Edward Watts) رېژىسسورلۇق قىلغان «ساما ئۈچۈن» ناملىق فىلىم، «ئەڭ ياخشى نادىر فىلىم» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

            

باھالىغۇچىلار ھەيئىتىنىڭ باشلىقى رېژىسسور نۇرى بىلگە جەيلان بۇ يىلقى (2020) بىرىنچى قېتىملىق كۆچ فىلىملىرى فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى نادىر فىلىم» مۇكاپاتىنىڭ، ئاۋاز بىرلىكى بىلەن «ساما ئۈچۈن» ناملىق فىلىمگە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «تېمىسى بىلەن زامانىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ تىراگېدىيەلىرىدىن بىرىگە ئىگە چىقىش چۈشەنچىسى بىلەن يولغا چىققان خەلقئارا كۆچ فىلىملىرى فېستىۋالىنىڭ ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى، بىر ھۆججەتلىك فىلىمگە بېرىلدى. بۇ فىلىم- سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى بارلىق كۆز-قاراشلىرىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، مۇساپىرلارغا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان كۈچكە ئىگە بولغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، يىغىلىپ قالغان ۋە ئاستىدىن تۇرغىلى بولمايدىغان سوئاللارغا دۇچار قىلىدىغان فىلىم. بۇ فىلىم يەنە، قولدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماتېرىياللارنى ئۇستىلىق بىلەن ھېكايىگە ئايلاندۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ۋە ھەر بىر سەھنىسى بىلەن كىشىنىڭ تەبىئىيتى ھەققىدە بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كەلگەن قاراشلارنى يوق قىلىدىغان تەپسىلاتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن فىلىمدۇر» دېدى.

فىلىمنىڭ رېىسسورلىرىدىن بىرى بولغان ۋاد ئەل كەيتاب مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكلىرىدىن كۆپ سۆيۈنگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىر يېرىم يىل تۈركىيەدە ياشىدىم. مەنمۇ مۇساپىرلاردىن بىرى ئىدىم. ھازىر ئەنگلىيەدە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن. تۈركىيەدە ياشىغانلارنىڭ ‹ساما ئۈچۈن› نى كۈرۈشىنىڭ، مۇساپىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇساپىر بولغانلىقىنى، قانچىلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دۆلىتىدە ياشاپ قېلىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارايمەن. فىلىمىمىزگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر