بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا شېھىتلەر ئەسلەندى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا 1992-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئۇرۇشلاردا، جانلىرىنى پېدا قىلغان مىڭلارچە شېھىت دۇئالار بىلەن ئەسلەندى.

1423412
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا شېھىتلەر ئەسلەندى
b.hersek sehitler gunu2.jpg
b.hersek sehitler gunu1.jpg
b.hersek sehitler gunu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ 1995-يىلى 23-يانۋاردا ماقۇللىغان قارارى بىلەن، روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى «شېھىتلار كۈنى» دەپ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈن (2020-يىلى 25-ماي) دۆلەت مىقياسىدا شېھىتلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇستەقىل بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى بولغان مەرھۇم ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قەبرىسى بار بولغان سارايېۋودىكى كوۋاچى شېھىتزارلىقىدىمۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، دۆلەت پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەفىك دزافەروۋىچ بىلەن خەلقلەر پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەكىر ئىززەتبېگوۋىچ، نۇرغۇن سىياسىي شەخسلەر، ئارمىيە قوماندانلىرى ۋە شېھىتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى قاتناشتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئىجرا قىلىنغان پائالىيەتتە، شېھىتلىك خاتىرە مۇنارىغا ۋە مەرھۇم ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇلدى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

سەفىك دزافەروۋىچ مۇراسىمدا: «بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئەڭ ياخشى ئوغۇللىرى بولغان شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن توپلاندۇق. ئۇلار بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن جانلىرىنى پېدا قىلدى. بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز، بۆلۈنمىگەن دېموكراتىك بوسنىيە-گېرسېگوۋىنادۇر. بۇ كىشىلەرگە بولغان قەرزىمىزنى ھەرگىزمۇ تۆلىيەلمەيمىز، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن جانلىرىدىن كەچتى» دېدى.

شېھىتلەر كۈنى دائىرىسىدە، پايتەخت سارايېۋودىن باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردىمۇ شېھىتزارلىقلار زىيارەت قىلىندى ۋە دۇئالار ئوقۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر