ي ت ب گېرمانىيەدىكى كۆچمەنلەرگە ھېيتلىق ھەدىيە قىلدى

تۈركىيە سىرتدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسى (ي ت ب) نىڭ قوللىشى ئاستىدا گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرى ئەتراپىدىكى ئوستفىلدېرن رايونىدا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەرگە ھېيتلىق ھەدىيەلەر تارقىتىپ بېرىلدى.

1421791
ي ت ب گېرمانىيەدىكى كۆچمەنلەرگە ھېيتلىق ھەدىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سىرتدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ «دىئاسپورا <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشنى قوللاش ۋە ھەمكارلىق پىروگراممىسى» دائىرىسىدە رۇيت، نېللىنگېن، دېنكېندورف، فىلدېرستات ۋە ئوستفىلدېرندىكى كۆچمەنلەر ياتاقلىرىدا قېلىۋاتقان 300 كۆچمەنگە، دىنىي ئىشلار تۈرك ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق ئوستفىلدېرن نۇرى ئوسمانىيە جامەسى مەسئۇللىرى تەرىپىدىن، تۈرلۈك كىيىم – كېچەكلەر، يېمەك – ئىچمەكلەر، ماسكا ۋە  دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىدىن تەشكىل تاپقان روزا ھېيتلىق ھەدىيەلەر تارقىتىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر