ت ر ت نىڭ قىرائەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت 2017-يىلىدىن تارتىپ رامىزان ئېيىدا مەخسۇس ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ قىرائەت مۇسابىقىسىغا، تېلېۋىزىيە ئارقىلىق قاتنىشىپ، ماھىرلارنى تەبرىكلىدى.

1420617
ت ر ت نىڭ قىرائەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشنىڭ، قۇرئان ئېيى بولغان رامىزاننى لايىقىدا ئۆتكۈزۈشنىڭ گۈزەل يوللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇسابىقىگە ئەجىر سىڭدۈرگەن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش بىلەن ت ر ت باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەنگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن 2017-يىلى تارقىتىلىشقا باشلىغان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ھەر يىلى تاماشىبىنلارنى كۆپەيتىكەن ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان پىروگراممىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسابىقىدە، ھۈسەيىن ئاكبۇلۇت بىرىنچى، مۇھەممەت سىزجان ئىككىنچى، ئەييۇپ ئەنسار قىلىچ ئۈچىنچى بولدى. نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە ئوخشىمىغان مىقداردا ساپ ئالتۇن مۇكاپات بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر