ئەردوغان 13 – ماي تۈرك تىلى بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13 – ماي تۈرك تىلى بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

1417072
ئەردوغان 13 – ماي تۈرك تىلى بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋىتتېر ئارقىلىق تەبرىك ئۇچۇرى تارقىتىپ، «(تۈركچە سۆزلىشىمىز) دېدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ۋە ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھەر دائىم تۈرك تىلى ئارقىلىق قوغدىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەق ۋە ئادالەت كۈرىشىمىزنى تۈركچە سۆزلەپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، تۈرك بايرىقى بەلگىسى بىلەن بىرلىكتە «13 – ماي تۈرك تىلى بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن» دەپ يازغان ئۇچۇرىغا بىر ۋىدېئومۇ ئىلاۋە قىلدى.

ئەردوغاننىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىگە تۈركچە خىتاب قىلغان ۋە لىدېرلار بىلەن ئائىلە فوتو – سۈرىتىگە چۈشۈش پەيتىدىكى تۈرك بايرىقىنى يەردىن ئالغان كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن ۋىدېئودا، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلىدە بىر تېلېۋىزىيە سۆھبەت پىروگراممىسىدىكى «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى بولسىڭىز، باشقا دۆلەت لىدېرلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەندە قايسى تىلنى ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزغا قىزىقىۋاتىمەن؟» دېگەن سوئالغا ئەردوغاننىڭ «تۈركچە سۆزلەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر