ساراينىڭ لەززەتلىرى- 15 / قوۋۇرغا دولمىسى

ماردىننىڭ مەشھۇر تائاملىرىدىن «قوۋۇرغا دولمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1417480
ساراينىڭ لەززەتلىرى- 15 / قوۋۇرغا دولمىسى

ئ

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردىسىنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ مەشھۇر تاماقلىرىدىن بىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، بىز سىلەرنى مەدەنىيەتلەر بوسۇغىسى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەم خۇش پېئىللىق شەھىرى ماردىننى يەنە بىر قېتىم سەيلە قىلدۇرىمىز.  بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، باش ئاشپەز - ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىم،  ماردىننىڭ مەشھۇر تائاملىرىدىن «لەبەنىيە چوربىسى» تەييارلاش ئۇسۇلىنى توۇشتۇرغانىدى. بۇ ھەپتىمۇ،  ماردىنلىق ئىككى خانىم بىلەن بىرلىكتە، ماردىننىڭ ئەڭ مەشھۇر تائاملىرىدىن «قوۋۇرغا دولمىسى» ئېتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 

بۇ تاماق ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

 

  • 2.5 كۆرگەزمە پاقلان قوۋۇرغۇسى
  • 500 گىرام قۇش بېشىچىلىق پاقلان گۆشى
  • 3 قوشۇق دولمىلىق يەر ياڭىقى
  • ئىكىك چىش سامساق
  • ئىككى تاتلىق قوشۇقى يېڭى باھار
  • ئىككى چاي قوشۇقى قارىمۇچ
  • بىر تاشلىق قڭوشۇقى تۇز
  • بىر ئۇچۇم ئىنچىكە توغرالغان بەدىيان
  • بىر ئۇچۇم ئىنچىكە توغرالغان يۇمغاقسۈت

           

بۇ تاماقنىڭ قانداق ئېتىلىدىغانلىقىنى، باش ئاشپەز – ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق سىلەرگە تونۇشتۇرۇشدىن بۇرۇن، سىلەرنى ماردىننى ئايلاندۇرۇپ چىقماقچىمىز.

https://www.trt.net.tr/uyghur/video/maedaen-yaet-saeny-aet/sryn-ng-laezzaetl-r-15-qwvurg-dwlm-s



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر