تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئىسلامىي ھۆسنخەت سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتىدۇ

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىسلامىي خۇشخەت سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن فىلىم تەييارلىدى.

1416782
تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئىسلامىي ھۆسنخەت سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلنىڭ چاملىجا جامىسى بىلەن مۇھىم تارىخى جايلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئورۇن ئالغان بۇ فىلىمدە، جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسى، مىللەت كۈتۈبخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سىياھنىڭ ئىزى» ناملىق كۆرگەزمىدە سۇنۇلغان قۇرئان كەرىمنىڭ قوليازمىلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

 

فىلىمدە يۈزلىگەن يىللىق ھۆسنخەت سەنئىتىنىڭ ئىنچىكىلىكلىرى چۈشەندۈرىلىدۇ، تۈركىيەنىڭ تىرىك ئىنسان خەزىنىلىرىدىن كلاسسىك كىتاب سەنئەتكارى خەتتات ئۇغۇر دەرمان، خەتتات ھەسەن چەلەبى ۋە فۇئات باشار قاتارلىق ئۇستىلارمۇ تونۇشتۇرىلىدۇ.

تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تەييارلانغان بۇ فىلىمنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «aregem.ktb.gov.tr/TR-261905/hat-sanati.html» ئادرېسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

قۇرئانى كەرىمنى ئەڭ گۈزەل ئۇسۇلدا يېزىش تىرىشچانلىقىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ ئېستېتىكىلىق بايلىق نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا ئۆلچەملىك ۋە نىسبەتلىك قومۇش قەلەم شۇنداقلا ئىس سىياھى بىلەن يېزىش سەنئىتى بولسا، «ھۆسنى خەت» تارىخى، دىن ۋە  سەنئەت نۇقتىسىدىن ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە نۇر چاچماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر