قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەندىكى مېيىپلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەننىڭ تۆت ۋىلايىتىدە ئۇرۇش سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان 500 كىشىگە يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى.

1416491
قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەندىكى مېيىپلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەن ئىستىجابا ياردەم جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى. ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە، دەسلەپتە ۋاقىتلىق پايتەخت ئەدەنگە قاراشلىق ئەل مۇئاللا ناھىيەسىدە يېمەك-ئىچمەك يىشىكلىرى تارقىتىلدى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەن ۋەكىلىنىڭ باشلىقى مۇستافا ئايدىن ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ ئەدەن، خادرامەۋت، مارىب ۋە تائىز ۋىلايەتلىرىدە ئۇرۇش سەۋەبىدىن مەڭگۈلۈك مېيىپكە ئايلانغان كىشىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياردەملەرنىڭ تۈركىيەنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان يەمەنلىكلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ئارزۇسى دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى رامىزان ئېيى بويىچە يەمەندە تەخمىنەن 14 مىڭ يېمەك-ئىچمەك يىشىكى تارقىتىش نىشان قىلىنغان ئىككى ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، 5-مايدا 500، 6-مايدا 3 مىڭ 400 دانە يېمەك-ئىچمەك يىشىكى تارقاتقان ئىدى.

ب د ت نىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقان يەمەندە، 22 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە قوغدىنىشقا موھتاج ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر