ئەييۇپتىكى پىئېررې لوتى قەھۋەخانىسىنىڭ ھېكايىسى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئەييۇپتىكى پىئېررې لوتى قەھۋەخانىسىنىڭ ھېكايىسى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1415631
ئەييۇپتىكى پىئېررې لوتى قەھۋەخانىسىنىڭ ھېكايىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇپ رايونىدا فىرانسىيەلىك بىر داڭلىق يازغۇچىنىڭ نامىدا بىر قەھۋەخانىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

1850-يىلى بىلەن 1923-يىللىرى ئارىلىقىدا ياشىغان فرانسىيەلىك داڭلىق رومان يازغۇچىسى پىئېررې لوتى ئىستانبۇل ۋە ئوسمانلى مەدەنىيىتىگە كۈچلۈك مەھلىيا بولغان بىر كىشى بولۇپ، ئىستانبۇلغا كۆپ قېتىم كەلگەن ۋە بۇ يەردە ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان. ئۇنىڭ ئىستانبۇلغا ئىككىنچى قېتىم كېلىشىدە، ئەينى دەۋر ئوسمانلى تۈركىيەسىنى تېما قىلغان «ئازىيادە» ناملىق رومانىغا ئىسمىنى قويغان بىر ئايال بىلەن تونۇشىدۇ. لوتىنىڭ بۇ رومانى يۇقىرى باھاغا ئېرىشىدۇ ۋە كەڭ قاتلاملار تەرىپىدىن تونۇلۇشىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

پىئېررې لوتى ئىستانبۇلدىكى دىنىي ئورۇنلىرى، قەبرىستانلىقلىرى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن بىلەن تونۇلغان مۇھىم شۇنداقلا كونا ئولتۇراق رايونى – ئەييۇپنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇ دائىم ئەيۇپ تۆپىلىكىدىكى پۈتۈن بوغۇزنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان قەھۋەخانىغا پات – پاتلا بېرىپ، سائەتلەرچە ئولتۇرۇپ، چىلىم تارتاتتى، كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشاتتى.

بۈگۈنكى كۈندە يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئالاھىدە قىزىقىدىغان بۇ قەھۋەخانا پىئېررې لوتى قەھۋەخانىسى دەپ ئاتىلىدۇ ۋە كىشىلەر تەردىن زىيارەت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر