ئوكتاي «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1403985
ئوكتاي «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «<23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى> ۋە <تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى> نى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە سەپداشلىرىنى، ھەمدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق قەھرىمان زاتلارنى يەنە بىر قېتىم چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن. قەدىردان دوستلار! بۇ بايرامدا كوچىغا چىقالمايمىز، شۇڭا، <تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى> نى ۋە <23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى> نى  ئۆيلىرىمىزدە تەبرىكلەۋاتىمىز. سالامەتلىكىڭلار ئۈچۈن، كېلەچىكىڭلار ئۈچۈن ئۆيلىرىڭلاردا قېلىڭلار، ھەممىڭلارغا بەخت – ئامەت ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر