Google 23 – ئاپرېلغا ئاتاپ مەخسۇس لوگو تەييارلىدى

ئىنتېرنېت ئىزدەش موتورى Google «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» غا ئاتاپ مەخسۇس لوگو تەييارلىدى.

1403965
Google 23 – ئاپرېلغا ئاتاپ مەخسۇس لوگو تەييارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Google  نىڭ باش بېتىدە، «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» غا بېغىشلانغان «مەخسۇس لوگو» ئورۇن ئالدى.

Google  بۇ ئارقىلىق، دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈنلەر، مەدەنىيەت خاراكتېرلىك ھادىسىلەر ھەم پائالىيەتلەرگە، شۇ ئالاھىدە كۈنلەردىن ئورۇن ئالغان مۇھىم شەخسلەرگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلماقتا.

زىيارەتچىلەر مەخسۇس لايىھەلەنگەن لوگونىڭ ئۈستىگە باسسا، شۇ كۈن، شەخس ۋە تېما ھەققىدە  تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر