ترامپ ئالەم قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالەم كانچىلىق ئىشلىرىغا ۋە يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى بايلىقلاردىن ئالاھىدە پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

1392899
ترامپ ئالەم قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالەمدىكى بايلىقلاردىن پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى. قارارنامە، ئاي شارى ۋە باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا تېپىلىدىغان سۇ ھەمدە مېنېراللاردىن، ئالەم ئىشلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ئالەم مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشىنىڭ يولى ئېچىلغان بولدى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم كېڭىشىنىڭ كاتىپى سكوت پېيس (Scott Pace) بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغاندا، قارارنامىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئارتېمىس نىشانى دائىرىسىدە، ئايغا ئارقىدىن مارسقا ئادەم چىقىرىش ئۈچۈن خەلقئارالىق شېرىكلىرى بىلەن بولىدىغان سودىدا ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئالەم كېلىشىمىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئالەمگە يۈرۈش قىلغان باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش 1979-يىلى ئىمزالانغان ۋە «ئاي كېلىشىمى» دەپ بىلىنىدىغان «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئايدا ۋە باشقا ئاسمان جىسىملىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان كېلىشىم» نى قوللىمىغان ئىدى. كېلىشىم، ئالەم مەنبەلىرىنى بىلىمنىڭ سىرتىدا پايدىلىنىشنىڭ خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەرگە باغلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى زۆرۈر شەرت قىلاتتى.

ئامېرىكا كونگرەسى 2015-يىلىدا چىقارغان قانۇن ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئايدىكى بايلىقلاردىن ۋە ئاسمان جىسىملىرىدىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) ئارتېمىس ۋەزىپىسى دائىرىسىدە، 2024-يىلىغىچە ئايغا ئادەم چىقىرىشنى مەقسەت قىلماقتا. 2028-يىلىغىچە داۋاملىشىشى پىلان قىلىنغان ئاي سەپەرلىرىدىن كېيىن، ئاينىڭ ئوربىتاسىدا بىر ئالەم پونكىتى قۇرۇش ۋە بۇ يەردىن پەلەمپەي شەكلىدە پايدىلىنىپ، مارسقا ئادەم چىقىرىش مەقسەت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر