ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيە، تۈركىيەنىڭ ياردىمىگە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تۈنۈگۈن (2020-يىلى 1-ئاپرېل) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەگە ئەۋەتكەن تىببىي ئەسلىھەلەردىن كېيىن، نۇرغۇن تەشەككۈر ئۇچۇرلىرى كەلدى.

1389817
ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيە، تۈركىيەنىڭ ياردىمىگە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارانچا گونزالېز لايا (Arancha Gonzalez Laya) تۋىتتېردا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلىدى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنى خەتكۈچلەپ، تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارانچا گونزالېز لاياغا: «دوستلار بۈگۈنلەر ئۈچۈن. ئىتتىپاقدىشىمىز ئىسپانىيەگە سالاملار» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

ئىسپانىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مىگۇلەن خېللارويا (Miguel Angel Villarroya) تۋىتتېردا، تۈركىيەگە ۋە باشقا ياردەم قىلغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ئىسپانىيەنىڭ ناتودىكى ۋاكالەتخانىسى تۋىتتېردا: «بىز ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا بىللە» دېگەن ئۇچۇرنى ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن ياردەم خالتىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى جالالىددىن رۇمىنىڭ «ئۈمىدسىزلىكنىڭ كەينىدە نۇرغۇن ئۈمىدلەر بار، قاراڭغۇلۇقنىڭ كەينىدە نۇرغۇن قۇياشلار بار» دېگەن سۆزىنى ھەمبەھىرلەپ تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇداپىئە سىياسەتلىرى باش مۇدىرى فىگېرو (Figuero): «تۈرك خەلقى ئىسپانىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىقىنى نامايان قىلدى. مىننەتدارمىز، تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

ئىتالىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىنمۇ تۈركىيەگە نۇرغۇن تەشەككۈر ئۇچۇرلىرى كەلدى.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۈجىدى مايو (Luigi Di Maio) تۋىتتېردا تۈركىيەنىڭ ياردەم ئېلىپ كەلگەن ئايروپىلانىنىڭ فوتوگرافلىرىنى ھەمبەھىرلەپ: «بۈگۈن تۈركىيەدىن ئىتالىيەگە زور ھەمكارلىق ئۇچۇرى كەلدى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىتالىيەگە ئەۋەتكەن ياردەم ئايروپىلانىنى پراكتىكا دى مارې (Practica di Mare) ئايرودۇرۇمىدا كۈتۈۋالدى ۋە: «بۈگۈنكى ياردەم بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا ۋە پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىگە، ھەمكارلىق روھى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «دوستلار قارا كۈنلەر ئۈچۈندۇر» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

ئىتالىيەنىڭ ناتودىكى ۋاكالەتخانىسىمۇ تۋىتتېردا: «تۈرك دۆستلىرىمىزغا ياردەملىرى سەۋەبلىك مىننەتدارمىز، بىرلىكتە كۈچلۈك بولىمىز، بىز ناتومىز» دېگەن ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى ناچو سانچېز ئامور (Nacho Sanchez Amor) تۈركىيەنىڭ ئىسپانىيەگە ئەۋەتكەن تىببىي ياردىمى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ: «نامايان قىلغان ھەمكارلىقىڭلارنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر