تۈركىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسېنا ۋە دورا تەتقىق قىلماقتا

تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ۋاكسېنا ۋە دورا ياساش ئىشلىرىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە تېزلىكتە نەتىجە ئېلىنىدىغان يېڭىچە ئۇسۇللارنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1390125
تۈركىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسېنا ۋە دورا تەتقىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك پايتەخت ئەنقەرەدە «19-كوۋىد تۈركىيە مۇنبىرى» نىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ۋاكسېنا ۋە دورا تەرەققىي قىلدۇرۇش كونفېرانسى» دا سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان تەتقىقات قۇرۇلمىلىرى ۋە ئالىملىرى بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسېنا ھەمدە دورا تەتقىقاتىغا دۇنياۋى تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «19-كوۋىد مۇنبىرى ئاستىدا يەتتە ۋاكسېنا لايىھەسى بىلەن خىمىيە ۋە بىئو تېخنىكا مېتودلىرىدا يەتتە دورا تەرەققىي قىلدۇرۇش لايىھەمىز بار. تېز نەتىجە ئېلىنىدىغان يېڭىچە ئۇسۇللار بېكىتىلدى» دېدى.

ئۇ ۋاكسېنا ۋە دورا ياساش لايىھەلىرىدىكى ئاساسلىق تەتقىقاتلارغا، تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسى-تۈبىتاك (TÜBİTAK)  نىڭ باشچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بىز بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىمىزنى، ۋىرۇس خىتايدىكى ۋاقتىدىلا، يەنى بۇنىڭدىن دەل ئىككى ئاي بۇرۇن ئاچتۇق. كېيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا بىللە ئىشلەش روھىنى تىرىك تۇتقان ھالدا ئوخشىمىغان تەجرىبىلەرنى بىر يەرگە توپلىدۇق. دۆلىتىمىزدە ۋاكسېنا ۋە دورا ساھەسىدە مۇھىم نەتىجىلەر بار. 2019-يىلى باشلانغان تۈبىتاك 1004 ئالىي تېخنىكا مۇنبەرلىرى چاقىرىقى دائىرىسىدە، ۋاكسېنا ۋە دورا تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىمىزنى تەشكىللىگەن ئىدۇق» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئاكادېمىكلىرىمىز ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش لايىھەلىرىنى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان شەكىلدە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ مەقسەتتە 24 ئۇنىۋېرستېت، سەككىز دۆلەتلىك تەتقىقات ئورنى ۋە سەككىز خۇسۇسىي شىركەتنىڭ يۈزلەرچە تەتقىقاتچىسى يۇقىرى غەيرەت بىلەن خىزمەت قىلماقتا.

ئۇ ئاخىرىدا: «كېيىنكى باسقۇچتا بارلىق نەتىجىلەر كلىنكىدا سىناق قىلىنىش ئۈچۈن سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تۈركىيە سەھىيە ئىنىستىتۇتلىرى ئىدارىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر