ئەردوغان: چاناققەلئە زەپىرى تۈركلەرنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ تىز پۈكتۈرەلمەيدىغانلىقىنى نامايەندىسى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى قولغا كەلتۈرۈلگەن چاناققەلئە زەپىرىنىڭ تۈركلەرنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ ئەسلا تىز پۈكتۈرەلمەيدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: چاناققەلئە زەپىرى تۈركلەرنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ تىز پۈكتۈرەلمەيدىغانلىقىنى نامايەندىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «18 – مارت  شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە زەپىرىنىڭ 105 – يىللىقى» نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، چاناققەلئە زەپىرىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ۋەتەن ھەم خەلق سۆيگۈسى مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىسلىسىز قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل زەپىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا، بۇ زەپەرنىڭ، تۈركلەرنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ ئەسلا تىز پۈكتۈرەلمەيدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ زەپەرنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمىگەنلەرنىڭ، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەگە يۈزلەنگەن تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىشىنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چاناققەلئە زەپىرى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى ئىمكانسىزلىكلارغا قارىماي تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىقى، شان – شەرىپى ۋە ۋەتىنى قوغداش يولىدا مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر، مىسلىسىز داستاندۇر.»

چاناققەلئە ئۇرۇشلىرى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە 1915 – 1916 – يىللىرى «گەلىبولۇ يېرىم ئارىلى» دا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن ئانتانتا دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن «دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشلىرى» ھېسابلىنىدۇ.

چاناققەلئەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زەپەر، مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان مىسلىسىز زەپەردۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر