ئىران بىلەن ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

ئىراننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھۈرمۈزگان ئىشتاتىغا قاراشلىق ھەمىر ناھىيەسىدە ۋە ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي نۇسا تېڭگارا ئىشتاتىدا 5.4 بال يەر تەۋرىدى.

ئىران بىلەن ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنىۋېرستېتى يەر تەۋرەش تەتقىقات مەركىزى يەر ھۈرمۈزەان ئىشتاتىدا يەر تەۋرىگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۇ قېتىمقى 5.4 باللىق يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ھۈرمۈزگان ئىشتاتىغا قاراشلىق ھەمىر ناھىيەسى رۇيدەر بازىرى ئىكەنلىكى، شۇ يەر ۋاقتى بۈگۈن (16-مارت) ئەتىگەن 01:34 مىنۇت ئۆتكەندە، يەردىن 16 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھازىرچە، يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىنىڭ يۈز بېرىپ-بەرمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە كلىمات ۋە گېئوفىزىكا ئىدارىسى مەركىزىي قۇقتىسى شەرقىي نۇسا تېڭگارا ئىشتاتىنىڭ كودى سۇمبا رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 147 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.4 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقىنى توغرىسىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر