كەفىر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «كەفىر» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

كەفىر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈرك يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان كەفىرنىڭ ئىممۇنېت سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەن ھالەتتە ياشىغان تۈركلەر تەرىپىدىن بۇنىڭدىن 5000 يىل ئىلگىرى ئۆچكە سۈتىنى  ئېچىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان كەفىر، نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيادا ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كەفىر كالا، قوي ياكى ئۆچكە سۈتىگە كەفىر ئېچىتقۇسى ئىلاۋە قىلىنىپ ياسىلىدۇ. تەركىبىدە پروبىئوتىك باكتېرىيە ۋە ئېھتىياجلىق نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولغان كەفىر، ئەسىرلەردىن بۇيان ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان كەفىر، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە. ئاستا خاراكتېرلىك ھارغىنلىققۇ پايدا قىلىدىغان كەفىر، بېسىم ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە نېرۋا چۈشكۈنلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈگىتىشكىمۇ ياردەمچى بولىدۇ. ئۇ قان تومۇر قېتىشىش ۋە مۇسكۇللارنىڭ تارىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، قاننى تازىلايدۇ. سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ۋە ساغلاملىققا پايدىلىق بولغاچقا، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ دائىم ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىراق، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ياكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بارلار ، كەفىر ئىچىشتىن بۇرۇن چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسا ياخشى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر