ناسانىڭ ئايغا ئادەم چىقىرىش پىلانى كېچىكىشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ناسا (NASA) 2024-يىلى ئاي شارىغا ئادەم چىقىرىشنى نىشان قىلغان ئالەم قاتنىشى پىروگراممىلىرىنىڭ ئىككى يىل كېچىكىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ناسانىڭ ئايغا ئادەم چىقىرىش پىلانى كېچىكىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا باش مۇپەتتىش ئىشخانىسى ناسانىڭ ئاي شارىغا ئادەم چىقىرىش پىلانى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

ناسا باش مۇپەتتىش ئىشخانىسى تەييارلىغان ۋە ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ناسانىڭ «ئارتېمىس» دەپ نام بەرگەن ۋەزىپە رامكىسىدا، ئالەمگە قويۇپ بېرىش سىستېمىسى پىروگراممىسىنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ ناسانىڭ چوڭ نىشانىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا: «ئالەمگە قويۇپ بېرىش سىستېمىسى پىروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاساسلىق ھەر بىر توختامنىڭ چىقىمى 2 مىليارد دوللار. بۇلارنى ھەل قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان شۇنداقلا ئەڭ ئاز دېگەندە، پىروگراممىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈشكە سەۋەب بولىدىغان نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر بار» دېيىلدى.

ناسانىڭ 2020-يىللىق مالىيە يىلى ئۈچۈن مەزكۇر پىروگراممىغا 17 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا يەنە، مۇنداق دېيىلدى:

«ئايغا چىقىش پىروگراممىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ، كۈتكەندىن تېخىمۇ قىيىن ۋە قىممەت ئىكەنلىكى، ھېچكىمنى ھەيران قالدۇرماسلىقى كېرەك.»

ناسا ئارتېمىس ۋەزىپىسى رامكىسىدا، 2024-يىلىغىچە ئايغا ئادەم چىقىرىش سەپەرلىرىنى قىلىشنىڭ مەقسەت قىلغانلىقىنى، 2028-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان سەپەرلەردىن كېيىن، ئاي شارىنىڭ ئوربىتاسىدا ئالەم پونكىتى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن قاڭقىش تاختىيى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، مارسقا ئادەم چىقىرىش سەپەرلىرىنى باشلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر