ئەردوغان: مىللەت كۇتۇبخانىسى ياشلارنىڭ ھەقىقىي دوستى كىتاب بىلەن بولغان رىشتىسىنى كۈچەيتكۈسى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياشلارنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مىللەت كۇتۇبخانىسىدا ھەققىي دوست بولغان كىتاب بىلەن بولغان رىشتىلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: مىللەت كۇتۇبخانىسى ياشلارنىڭ ھەقىقىي دوستى كىتاب بىلەن بولغان رىشتىسىنى كۈچەيتكۈسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مىللەت كۇتۇبخانىسى ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىپ، «ھەر كىتاب بىر ئالىمدۇر. ئەگەر يۈزلەرچە كىتابىڭلار بولسا، يۈزلەرچە ئالىمنىڭ دوستى ھېسابلىنىسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىدىن پايدىلىنىسىلەر دېمەكتۇر. ئىشائاللاھ، ياشلىرىمىز جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مىللەت كۇتۇبخانىسىدا ھەققىي دوست بولغان كىتاب بىلەن بولغان رىشتىلىرىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان مىللەت كۇتۇبخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنىڭ بىر قىسمىنى مەزكۇر ئۇچۇرىغا قوشۇپ تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر