بۇ ئەسىردە قانچىلىك تىل يوقىلىشى مۇمكىن؟

ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى تۈركىيات تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور يۇنۇس كوچ، دۇنيادىكى 7 مىڭدەك تىلنىڭ ئاز دېگەندە يېرىمىنىڭ مۇشۇ ئەسىردە يوقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئەسىردە قانچىلىك تىل يوقىلىشى مۇمكىن؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى تۈركىيات تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور يۇنۇس كوچ مۇشۇ ئەسىردە دۇنيادىكى 7 مىڭ تىلنىڭ يېرىمىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، 21-فېۋرالنىڭ خەلقئارا ئانا تىل كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر تىلنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ تارىيىپ، ئالاقىلىشىش فۇنكسىيەسىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ قالماسلىقىنىڭ-تىل ئۆلۈمى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ، ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر، ئۆزگىرىشلەر، سانائەتلىشىش، خىزمەت ئۇسۇللىرى، كۆچمەن ئەمگەك كۈچى، كۆچ، رەسمىي تىل سىياسەتلىرى، ئايرىمىچىلىق ۋە ئۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاسىيا بىلەن بالقان رايونلىرىدا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن چار رۇسىيە سىياسىتىنىڭ، رۇسچەنىڭ رايوندا ھۆكۈمران بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى، ئەمما باشقا تىللارنىڭ يوقىلىش مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تىلشۇناسلارنىڭ تارىخىي مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ 6 مىڭدەك تىلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئېنىق بىر ساننى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تىللارنى جانلاندۇرۇشنىڭ كۆپىنچە رومانتىكىلىق تىرىشچانلىقتىن ھالقىيالمايدىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا فۇنكسىيەسىنى يوقاتقان بىر تىلغا، تەتقىقاتلار ۋاستىسى بىلەن يېڭى فۇنكسىيە يۈكلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر